نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن
Du er her:

نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرگە مەخسۇس بولغان ھوقۇقلار، مەجبۇرىيەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر

نورۋېگىيەدە ئولتۇراقلىشىشنى ئارزۇ قىلغان چەتئللىكلەرنىڭ تۇرۇش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن قانۇنلۇق تۇرۇش سەۋەبى بولۇشى كېرەك. تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنىڭ تۈرىگە قاراپ بىكىتىلگەن ھۇقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزى چۇقۇم قايسى خىل قائدىلەرنىڭ ئۆزىگە ئائىتلىغىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەمنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ قائىدە- قانۇنلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك ھۈكۈمەت ئورۇنلىرى تەلەپ قىلغان تەغدىردە ئۇلارغا توغرا مەلۇمات بېرىش مەجبۇرىيىتى ھەم بار.

پاكىتلار

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەمنىڭ كۆپلىگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلىرى بار.

بۇ دىگەنلىك،مەسىلەن،ھەممە بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش ھۇقۇقى بار ۋە ھەممە كىشلەرنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەققى بار. ئىشلەۋاتقان بارلىق كىشلەرنىڭ باج تۆلەش مەجبۇريىتى بار. ھەر يىلى بىز باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى يوللايدىغان چاغدا،توغرا مەلۇمات بېرىش مەجبۇريىتىمىز بار. نورۋېگىيەدىكى بارلىق پۇقرالارغا ئائىت بولغان بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلارنى بۇ تور بەتتىكى، ئوخشىمىغان ماۋزۇلار تىزىملىگىدىن تاپالايسىز.

سېستىما ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلۇدۇ!

ھۆكۈمەت دائىرلىرى،پۇقرالارنىڭ توغرا مەلۇمات بېرىشىگە ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنىدۇ. نورۋېگىيەنىڭ بارلىق سېستىمىلىرى مۇشۇ پىرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان. گەرچە، تەكشۈرۈش سېستىمىلىرى بار بولسىمۇ، ئۇ پەقەتلا ئارىلاپ، نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. سېستىمىنى ئالداپ تۇتۇلۇپ قالغان كىشلەر،ھەر ىىل جازاغا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن،ئىختىسادى جېرىمانە بجازاسى،تۈرمە جازاسى،جەمىيەت مۇلازىمىتى جازاسى قاتارلىق.