نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسى

Foto fra et norskkurs

 

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇريىتى

بەزى كۆچمەنلەرنىڭ نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا ھەقسىز قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • پاناھلانغۇچىلار
  • ئىنسانپەرۋەرلىك يۈستىدىن تۇرىۋاتقانلار
  • كوللىكتىپ قوغدالغۇچىلار
  • يۇقارقى گۇرۇپىلادىن بىرىگە تەۋە بولغان ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر
  • نورۋېگىيە ياكى شىمالى ياۋروپا پۇقرالىرى بىلەن ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر
  • دائىملىق تۇرۇش رۇخسىتى بارلار بىلەن ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر

پەقەت يېشى 16 – 67 ئارىسىدىكى كىشلەرنىڭلا نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئۇشبۇ ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە بىنائەن، بۇ گۇرۇپىدىكىلەرنىڭ 600 سائەت دەرس ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنىڭ 50 سائىتى قاتناشقۇچى چۈشىنىدىغان بىر تىلدا ئۆتۈلىدىغان جەمىيەت بىلىملىرى دەرسى بۇلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، خەقسىز نورۋېگچە دەرس ئېلىش سائىتىنى كۆپەيتىش تەستىقىنى ئالغىلىمۇ بولىدۇ. دەرس سائىتى ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىملىنىدۇ، لېكىن جەمئى 3000 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش مەجبۇريىتى

بەزىلەرنىڭ ھەقسىز دەرس ئېلىش ھۇقۇقى يوق،لېكىن دائىملىق تۇرۇش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن 300 سائەت نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بلىملىرى دەرسى ئېلىش مەجبۇريىتى بار. بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • ياۋرۇپا ئىتپاقى، ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى(EU/EØS/EFTA) رايۇنىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىشچى كۆچمەنلەر
  • بۇ دۆلەتكە ئائىلە جەملەشتۈرۈش سەۋەبى بىلەن كەلگەنلەر

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقىمۇ مەجبۇريىتىمۇ بولمىغانلار

بەزىلەرنىڭ ھەقسىز نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقىمۇ مەجبۇرىيىتىمۇ يوق. بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • ئوقۇغۇچىلار
  • ئائۇ پايىر(بىر تۈرلۈك ئۆي ئشلىرى ياردەمچىسى)لار ۋە باشقا ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار
  • شىمالى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى
  • ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى(EØS/EFT) نىڭ قائىدە- پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن تۇرىۋاتقانلار

پاكىتلار

نورۋېگ تىلى كۇرسى

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ھەممە ئادەم،نورۋېگچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇشى كېرەك. نورۋېگىيە جەمىيىتى،ھەممە ئادەمنىڭ جەمىيەت ھاياتىغا قاتنىشىشىنى ۋە مۇتلەق كۆپساندىكىلەرنىڭ خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى- ئۆزى بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ كومۇنالار نورۋېگ تىلى كۇرسى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا،بىرمۇنچە شەخسىلەر ئاچقان نورۋېگ تىلى كۇرسلىرمۇ بار. نەزى كۆچمەنلەر كومۇنادىكى ھەقسىز نورۋېگ تىلى كۇرسىغا قاتنىشالايدۇ،باشقا بىرقىسىملار بولسا پۇل تۆلەپ قاتنىشىشى كېرەك. بۇ شۇ ئادەمنىڭ قايسى خىل ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بارلىغىغا باغلىق.

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ