مەركىزى ھۆكۈمەت، ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالار

مەركىزى ھۆكۈمەت، ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالار

نورۋېگىيەدە،18 ناھيە ۋە 422 كومۇنا بار. ناھيەلەر ۋە كومۇنالار بولسا،ھەم جۇغراپىيەلىك رايۇن ھەم سىياسى باشقۇرۇش بىرلىكلىرىدۇر. گەرچە، كۆپ ئىشلاردا مەركىزى ھۆكۈمەت قارار قىلسىمۇ،ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە كومۇنالارنىڭمۇ بىر قىسىم ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ھۇقۇقى بار. ئۇندىن باشقا، مەركىزى ھۆكۈمەت يەنە، ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالارغا رامكا بەلگۈلەپ بېرىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت پۈتۈن دۆلەتنى باشقۇرىدۇ، ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالار بولسا پەقەت ئۆز رايۇنىنى باشقۇرىدۇ.

سىياسى ۋە مەمۇرى باشقۇرۇش

مەركىزى ھۆكۈمەت ،ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالار خەلق سايلىغان سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن باشقۇرلىدۇ. بۇ دىگەنلىك،سىياسەتچىلەر ھەر خىل مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش- تارتىش قىلىدۇ ۋە ھەرقايسى ئوخشىمىغان رايۇنلارغا قارتا قانداق سىياسەت بەلگۈلەشنى قارار قىلىدۇ. لېكىن سىياسەتنى،بىيوكىراتلار،يەنى، مەركىزى ھۆكۈمەت،ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كومۇنالاردىكى خىزمەتچى خادىملار- ئىجرا قىلىدۇ.

پاكىتلار

تۆۋەندىكىلەر، دۆلەتنىڭ مەسئۇليەت دائىرىسىدىكى بىر قىسىم ساھەلەر:

  • تاشقى ئىشلار سىياسىتى
  • دوختۇرخانا
  • قانۇنلار
  • مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك پروگراممىسى

تۆۋەندىكىلەر، ناھيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇليەت دائىرىسىدىكى بىر قىسىم ساھەلەر:

  • تولۇق ئوترا مەكتەپ مائارىپى
  • ناھيە يوللىرى

تۆۋەندىكىلەر، كومۇنانىڭ مەسئۇليەت دائىرىسىدىكى بىر قىسىم ساھەلەر:

  • باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ
  • يەسلى
  • ياشانغانلار غەمخورلىغى
  • ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش،سۇ،يۇندا يوللىرى
  • كومۇنانىڭ يوللىرى

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ