پاراۋانلىق
Du er her:

نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى (NAV)

نورۋېگىيەدىكى ھەممە كومۇنالاردا بىردىن نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى ئىشخانىسى بار. بىز ئۆزىمىزدە خىزمەت لايىقىتى ھازىرلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان،ياكى ئاغرىپ قالغان ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ ئىختىسادى ياردەمگە مۇھتاج بولغان ۋاقتىمىزدا نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى ئىشخانىسى بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى ، نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈلمىسىگە مەسئۇل. نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى يەنە ئجتىمائى ياردەم ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل. نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى بىزنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ياكى خىزمىتىمىزنىڭ بار- يوقلىغىغا مەسئۇل بولمايدۇ، گەرچە،مەقسەت كۆپرەك كىشلەرنى خىزمەتكە ئىگە قىلىش بولسىمۇ.

پاكىتلار

نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى(NAV) نىڭ بىر قىسىم ئاساسى نىشانلىرى

    • كۆپرەك كىشلەرنى خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈش ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈش،ياردەمگە تايىنىدىغانلارنى ئازايتىش
    • ياخشى ئىشلەيدىغان بىر ئەمگەك بازىرىنىڭ بۇلۇشىغا ياردەم بېرىش
    • ھاجەتمەنلەرنى،ئۇلارنىڭ شەرت- شارائىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش

NAV

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ