مائارىپ ۋە لاياقەت

ئالى مائارىپ

På forelesning
ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوترىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنۋىرستىتلاردا ياكى ئىنىستۇتلاردا ئوقۇشنى داۋام قىلدۇرالايدۇ.
ئۇنۋىرسىتىت ۋە ئىنستىتۇتلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى دۆلەتكە قاراشلىق بولۇپ،ستۇدېنتلار ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدۇ. ئوقۇش پۇلى دۆلەت تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ،ستۇدېنتلار ئاز بىر قىسىم مەۋسۇملۇق خىراجەت ياكى ئوقۇش خىراجىتى تۆلەيدۇ. يەنە شەخسى ئالى مەكتەپلەرمۇ بار. ئۇنىڭدا ستۇدېنتلار ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆز ئۈلۈش قىسمىنى تۆلەيدۇ.

ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى مەكتەپ ۋە ئۇنۋىرستىتلارنىڭ چىقىمىنى ھۆمۈمەت كۆتۈرىدۇ. پۇقرالار ئۈچۈن مائارىپ ھەقسىز. لېكىن ئالى مائارىپ ئوقۇشىدا،مەيلى ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى ياكى شەخسىلەرنىڭ مەكتىۋىدە بولسۇن، ستۇدېنتلار ئوقۇش ماتېريالىنى ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك. جۈملىدىن، دەرسلىك ۋە باشقا لازىملىق ماتىرياللارنى ستۇدېنتلار ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىدۇ.

گەرچە، ئۇنۋىرسىتىت ۋە ئىنستىتۇتلار ھەقسىز بولسىمۇ،ئادەم ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا باشقا خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل كېتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئوقۇش داۋامىدا،ئۆي ئىجارىسى،تاماق ۋە باشقا زۈرۈر بولغان چىقىملارنى قامداش ئۈچۈن دۆلەت مائارىپ قەرز پوندىدىن قەرز ئېلىش ئومۇملاشقان. بۇ ئۇسۇل بىلەن،ئالى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان ھەرقانداق ئادەم، مەيلى ئائىلىسىنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى قانداق بۇلۇشتىن قەتئىنەزەر، ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. نۇرغۇن ستۇدېنتلار تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە يېتەرلىك پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئوقۇشتىن سىرت قوشۇمچە ئىشلەيدۇ.

باراۋەر مائارىپ پۇرسىتى

بىر زامانىۋى جەمىيەت،يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش،تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېڭىلاشقا مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن نورۋېگىيە ئالى مەلۇماتلىق ئاھالىگە ئېھتىياجلىق. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ، ھەممەيلەنگە باراۋەر مائارىپ(تەربىيلىنىش) پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىنىڭ %27 كە يېقىنى ئالى مەلۇمات ئالغان. بارغانسىرى كۆپلىگەن ياشلار ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ ۋە نورۋېگىيەنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ستۇدېنتلارنىڭ %60 تىن كۆپرەگىنى قىزلار تەشكىل قىلىدىغان بۇلۇپ،ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ئەرلەرنىڭكىدىن سەل يۇقىرى.

تولۇق ئوترا لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن بارلىق كىشلەر ئىنىستىتۇت ۋە ئۇنۋىرستىتلاردا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئىنىستىتۇت ۋە ئۇنۋىرستىتلارغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى، نورۋېگىيە ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى (Samordna opptak) باشقۇرىدۇ.

پاكىتلار

نورۋېگىيە مائارىپ قەرز فوندى

مائارىپ قەرز فوندى،چەتئەلدە ئوقۇيدىغان نورۋېگىيەلەك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە قەرز پۇل بېرىدۇ.

مائارىپ قەرز فوندىنىڭ تەسىرى

  • پەرقنى يۇقۇتۇپ،باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ھەممە ئادەمنىڭ،جۇغراپىيەلىك شارائىت،يېشى،جىنسى ۋە ئىختىسادى ياكى ئىجتىمائى ئەھۋالىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۇلۇشۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش
  • ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرلىشىغا شارائىت ھازىرلاش ئارقىلىق،ستۇدېنتلارنىڭ ئۈگۈنۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك بۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش
  • جەمىيەتنىڭ، مەلۇماتلىق ئەمگەك كۈچىگە ئىگە بۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش

چوڭلارمۇ،باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترىدا،ياكى تولۇق ئۇترىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ياكى قەرز پۇلغا ئىلتىماس قىلسا بۇلۇدۇ.

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ